مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلغان چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەرنى قارىغۇلارچە ياساش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، دېدى

2020.10.23 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا «چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدىغان ياكى كەڭلىكى 30 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەر شەھەردىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ، ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئاشىدىغان ياكى كەڭلىكى 45 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەرنى ياساش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ؛ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوبرازنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ناملار بىلەن ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلغان چوڭ تىپتىكى ھەيكەللەرنى قارىغۇلارچە ياساش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا قۇرۇلۇش باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە مۇھىم رايونلارنىڭ ھەيكەلتىراشلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەبىئىي مەنزىرە مۇھىتى قاتارلىق مۇھىم رايونلار ۋە شەھەرلەرنىڭ مۇھىم ئوق سىزىقى، مەنزىرە تۈگۈنىدىكى ھەيكەلتىراشلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارلىق قوغداش دائىرىسى ۋە مەنزىرىسى نازۇك رايونلاردا چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكىلى قۇرۇشقا بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگە خاراكتېرلىك، خاتىرە خاراكتېرلىك، باش تېما خاراكتېرلىك چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى تېمىلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە باشقۇرۇش تۈزۈمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۈزۈپ، شەھەر ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ جايلىشىشى، سانى، تېمىسى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئالاقىدار يىرىك پىلان بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇش لازىم؛ چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى لايىھەسىنى تەستىقلاش مېخانىزمى ۋە چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئاسراش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: چوڭ تىپتىكى شەھەر ھەيكەلتىراشلىقى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا يەرلىكنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى شەھەر، ناھىيەلەردە قۇرۇلۇپ بولغان، قۇرۇلۇۋاتقان، قۇرۇلماقچى بولغان شەھەر ھەيكەلتىراشلىق تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە دەرھال تەشكىللىشى كېرەك؛ چوڭ تىپتىكى ھەيكەل قاتارلىق «مەدەنىيەت بەلگىسى» نى قالايمىقان قۇرۇشقا چېتىلىدىغان ياكى شەھەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان شەھەر ھەيكەلتىراشلىق تۈرلىرىگە قارىتا، ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ