مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىچكىرى رايونلىرىدىكى توققۇز شەھەردە ئىچكىرى رايونلاردا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2020.10.23 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىچكىرى رايونلىرىدىكى توققۇز شەھەردە ئىچكىرى رايونلاردا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان تىزىملىتىش، ئىمتىھان ئېلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلىش، كەسىپ دائىرىسى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا بەلگىلىمە چىقاردى.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىچكىرى رايونلىرىدىكى توققۇز شەھەردە شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلارنىڭ ئىچكىرى رايونلاردا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى، شېنجېن شەھىرى، جۇخەي شەھىرى، فوشەن شەھىرى، خۇيجوۋ شەھىرى، دۇڭگۈەن شەھىرى، جۇڭشەن شەھىرى، جياڭمېن شەھىرى، جاۋچىڭ شەھىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شياڭگاڭلىق قانۇن كەسىپكارلىرى ۋە ئاۋمېنلىق كەسپىي ئادۋوكاتلار گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىي ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئىچكىرى رايونلاردا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، بەلگىلىك دائىرىدە ئىچكىرى رايونلاردىكى قانۇن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ