جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى

2020.10.23 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشقان پىدائىي قىسىمنىڭ ھازىر ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلارغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى.

  خاتىرە ئىزنىكىگە ئالتۇن، كۈمۈش يالىتىلغان قىزىل مىس ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، دىيامېتىرى 50 مىللىمېتىر. خاتىرە ئىزنىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە 70 دەستە نۇر چۈشۈرۈلۈپ، تۆت ئەتراپى تىنچلىق كەپتىرى، سۇ سىزىقچىلىرى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېلېمېنتىدىن تۈزۈلگەن لېنتا بىلەن قورشىلىپ، چېتىگە بەشيۇلتۇز، دارچىن يوپۇرمىقى ۋە بەش قېتىملىق ئۇرۇشقا سىمۋول قىلىنغان ئىسترېلكا قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن جىندالەي گۈلىنىڭ بەش يوپۇرمىقى شەكلى چىقىرىلىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سىمۋول قىلىنىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەققانىي ئۇرۇش ئىكەنلىكى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنىڭ مەڭگۈ جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنلىكى مەزمۇن قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى نامايان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ