سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرغا يېتىدىغان دۆلەت ھالقىغان دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى چاڭچۈندە پۈتتى

2020.10.22 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: جوڭچې چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتىدە سۈرەتكە تارتىلغان سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرلىق، دۆلەت ھالقىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى (21-ئۆكتەبىر تارتىلغان).

  شۇ كۈنى، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەت ھالقىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتىدە پۈتتى. پويىز كىلىمات شارائىتى، رېلىس ئارىلىقى، توك بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغان خەلقئارا تۆمۈريوللاردا قاتنىيالايدىغان بولۇپ، خەلقئارا، قىتئەلەر ئارا ساياھەتنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرالايدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ نەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ