مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇشتىن ئۈمىد بار بولدى

2020.10.22 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلىغىنى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، كارخانىلار، ئاممىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش − «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 21-ئۆكتەبىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىللىق ئۇسۇلنى خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن 2 تىرىليون يۈەنلىك مالىيە مەبلىغى ئىچىدە، يەرلىككە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك بولغىنى 1.7 تىرىليون يۈەن بولۇپ، 1.57 تىرىليون يۈەن شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارغا چۈشۈرۈلۈپ، يەرلىك مالىيە كۈچىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتى مالىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې دەيشىن مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنىڭ تېز، دەل جايىدا بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى ئەمەلىيەت داۋامىدا دەلىللىنىپ، ئۈنۈم نامايان قىلىندى.»

  بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم ___ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا دائىملاشقان مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىنغا ئاساسەن، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بىۋاسىتە تەقسىم قىلىشقا بولىدىغان ئورتاق مالىيە خىزمەت ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى، شارائىتى ھازىرلانغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى قاتارلىق ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىملارنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، مەركەز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ياردەم مەبلىغىنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ