مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ھۆججەت-ئالاقە تارقاتتى

مۇزېي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەمكارلىق مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2020.10.22 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە «مۇزېي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا ئېنىق يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، مۇزېي بىلەن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇزېي بايلىقىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇزېيدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «پىكىر»دە مۇزېيلارنىڭ مائارىپ بايلىقىنى ئېچىش ۋە قوللىنىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇزېينىڭ مائارىپ مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەربىيە پائالىيىتىنى دائىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش؛ مۇزېينىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەت دەرسلىكلىرىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ۋە مەكتەپ مائارىپ ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇزېي بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، تەبىئەت تۈرى، تارىخ تۈرى، پەن-تېخنىكا تۈرى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەت دەرسلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەكىتلەندى. «پىكىر» -دە يەنە مۇزېينىڭ مائارىپ ئۇسۇلى ۋە يولى كۈچەپ كېڭەيتىلدى. مۇزېينىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، مۇزېي ئارقىلىق ئۆگىنىشىنىڭ قىزىقارلىقلىقى، ھەمتۈرتكىلىكى ۋە تەجرىبىچانلىقىنى كۈچەيتىش؛ مۇزېينىڭ تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك مۇزېي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنقىلابىي ئەنئەنە قاتارلىق تېمىلاردىكى ئەمەلىي تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ مۇزېيلارنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر مائارىپىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتتا مەكتەپ ئىچى مۇزېيى يۈرۈشلۈك دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، مۇزېي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ