مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئايمۇ ئاي ياخشىلاندى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىم كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

2020.10.22 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 21-ئۆكتەبىر ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىساد ئايمۇ ئاي مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ ئۇدا تۆت ئاي نورمال ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ 9-ئايدا ئالاھىدە ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.

  1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت جەمئىي كىرىمى 14 تىرىليون 100 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 تۆۋەنلىدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مالىيە كىرىمىدە 1-پەسىلدە كىرىم زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، 2-پەسىلدە تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قايتا ئۆرلەش، 3-پەسىلدە مەنپىي ھالەتتىن مۇسبەت ھالەتكە ئۆتۈشتەك سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت جەمئىي چىقىمى 17 تىرىليون 518 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 تۆۋەنلىدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلام «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىم كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى ساغلاملىقى چىقىمى %66.1 ئاشتى، نامراتلارنى يۆلەش، تۇرالغۇ كاپالىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %14.3، %9.4، %8.2 ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىغا كىرگۈزۈلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەخسۇس زايوم كىرىمىدىن ئورۇنلاشتۇرغان جەمئىي چىقىمى 2 تىرىليون 80 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 ھەسسە ئاشتى، ئاساسلىقى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان چوڭ قۇرۇلۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  1-ئايدىن 9-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىي باج كىرىمى 11 تىرىليون 887 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 تۆۋەنلىدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، 9-ئايدا ئاساسىي باج تۈرىنىڭ ئېشىشى ئومۇميۈزلۈك رەسمىيلەشتى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتى، سىياسەتتىن نەپ ئېلىش دائىرىسى كەڭ بولدى، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە 1 تىرىليون 877 مىليارد 286 مىليون يۈەنلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كۆلىمى 2 تىرىليون 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ