خېبېي ساڭجوۋدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «مەكتەپتىن كېچىكتۈرۈپ قويۇپ بېرىش» ئالقىشقا ئېرىشتى

2020.10.21 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ساڭجوۋ شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە، «مەكتەپ ئىچىدە دەرستىن كېيىن ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى»گە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنى مەشىق قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كۈزدە ئوقۇش باشلانغاندىن باشلاپ، خېبېي ئۆلكىسى ساڭجوۋ شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى 155 باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەقسىز بولغان «مەكتەپ ئىچىدە دەرستىن كېيىن ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى»نى يولغا قويدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىغا ئاساسەن، سائەت ئۈچ يېرىمدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە قېلىپ كۆپ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشسىمۇ بولىدۇ، بۇ تەدبىر ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ مىن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ