مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مىقدارى 365 مىليونغا يەتتى

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر سانى 450 مىليون ئادەمگە يەتتى

2020.10.21 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 365 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل 275 مىليونغا يەتكەن؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر 450 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر 410 مىليون نەپەر بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 3-پەسىلدە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 9 مىليون 30 مىڭغا يېتىپ، ئېشىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. 2020-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە 23 مىليون 160 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 545 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپىيىپ، %2.41 ئاشقان. پەسىل بويىچە قارىغاندا، 1-پەسىلدە 5 مىليون 770 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.17 تۆۋەنلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ 2-پەسىلدە 8 مىليون 360 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.18 ئېشىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىستېمال بازىرى جانلىنىشقا باشلىغان؛ 3-پەسىلدە 9 مىليون 30 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 535 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپىيىپ، %20.48 ئاشقان، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىستېمال بازىرى ئوبوروتى كۆرۈنەرلىك قايتا ئېشىپ، بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان.

  ئاپتوموبىل مىقدارى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەر 69 غا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئۈچى كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل مىقدارى 2 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەر 31 گە يەتكەن؛ ئاپتوموبىل مىقدارى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەر 12 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلار بېيجىڭ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، سۇجوۋ، شاڭخەي، جېڭجوۋ، شىئەن، ۋۇخەن، شېنجېن، دۇڭگۈەن، تيەنجىن، چىڭداۋ ئىكەن. بېيجىڭدا 6 مىليوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بار ئىكەن، چېڭدۇدا 5 مىليوندىن، چۇڭچىڭ، سۇجوۋ، شاڭخەيلەردە 4 مىليوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ