مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

70 يىلدىن بۇيان خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى 5 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى

2020.10.21 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇەيخې دەرياسى يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئىدارە قىلىنغان دەريا. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 70 يىلدا خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەشكە 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم 5 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان.

  1950-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى «خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەش توغرىسىدىكى قارار» ئېلان قىلىندى. 70 يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى، سۇ بايلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى، سۇ مۇھىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدا 6300 دىن ئارتۇق سۇ ئامبىرى، تەخمىنەن 400 مىڭ كۆلچەك، 82 مىڭ جايدا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، تەخمىنەن 1 مىليون 440 مىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىر قۇدۇقى ياسالدى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدا جەمئىي تۈزەلگەن ئېدىرلىق رايونىدىكى سۇ-تۇپراق ئېقىپ كەتكەن تۇپراق كۆلىمى 53 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ تۇڭبەي، دابيېشەن رايونى، فۇنيۇشەن رايونى، يىمېڭشەن رايونىدا سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىدا ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  گوۋۇيۈەن بېكىتكەن خۇەيخې دەرياسىنى يەنىمۇ تۈزەشتىكى 38 تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىچىدىكى 32 تۈردە ئىش باشلىنىپ، 10 تۈردە ئىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا خۇەيخې دەرياسىنى تۈزەشكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن جەمئىي مەبلەغ 77 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ