مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو تەكشۈرۈش، ئىسپات ئاڭلاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى

2020.10.21 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو تەكشۈرۈش، ئىسپات ئاڭلاش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى ۋە قېلىپلاشتۇردى.

  بەلگىلىمىدە، ئىسپات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يېشى، ئەخلاقى، سالامەتلىك شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە تەلەپ قويۇلدى، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 23 ياشقا توشقان جۇڭگو پۇقراسى بولۇشى كېرەك؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان بولۇشى كېرەك؛ قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئەخلاقى ياخشى بولۇشى، ئادىل، دۇرۇس بولۇشى لازىم؛ نورمال مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بەدەن شارائىتى بار بولۇشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىمىدە يەنە جىنايى جازا بېرىلگەنلەر، خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر قاتارلىقلار ئىسپات ئاڭلىغۇچى بولۇشقا بولمايدىغان تۆت خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 20-چېسلا ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن-سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گاۋ جىڭفېڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ئامما يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ھەممىسىنىڭ ئىسپات ئاڭلىغۇچى بولۇش سالاھىيىتى بار، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىشىگە ھەر جەھەتتىن پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بۇ يىلدىن بۇيان تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو تەكشۈرۈش، ئىسپات ئاڭلاش خىزمىتى ئەھۋالى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئالاقىدار تىپىك دېلو مىساللىرى ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 13 دېلوغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى، يەرلىك ئۈچ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى 16 مىڭ 354 دېلوغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرى 14 مىڭ 359 دىلو ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، %87.8 نى ئىگىلىدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئەزاسى ۋەن چۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەپتىش ئورگانلىرى بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، تىرىشىپ ھەر قېتىملىق تەپتىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى بىر قېتىملىق جانلىق قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيەت دەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ