مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2020.10.16 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگودىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. بۇ، مۇقەررەر ھالدا بىزنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە تەبىئىي تالانت ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى بولۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  ماقالىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە بار بولغان تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى __ بوران-چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى؛ جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان تىز پۈكمەس ئىرادە كۈچى __ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە بار بولغان روشەن ئەۋزەللىك __ خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇغلانغان مۇستەھكەم دۆلەت كۈچى __ دەھشەتلىك دولقۇنلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇشتىكى چوڭقۇر ئاساس؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بار بولغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ __ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلق كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا بار بولغان كەڭ چاقىرىق كۈچى __ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىدىكى توغرا يول.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ