مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش تاماملاندى

2020.10.16 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز كۆزىتىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىكى 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 32 جاي ۋە ئورۇنغا كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تاماملاپ، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جىلىن ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، چۇڭچىڭ شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، شەنشى ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق 32 جاي، ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدىكەن. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە چېتىشلىق بولغان چاڭچۇن، خاڭجوۋ، نىڭبو، ۋۇخەن، شىئەن قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى كۆزىتىش دائىرىسىگە قوشۇپ كىرگۈزۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ