مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

دۆلىتىمىز تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان مائارىپنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ

2020.10.15 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان. «لايىھە»دە، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت-ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلەشكە يېتەكلەيدىغان باھالاش تۈزۈمىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھالاش چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش؛ 2035-يىلىغا بارغاندا، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە باي، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن، دۇنيا سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان مائارىپنى باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش نىشان قىلىنغان.

  پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى باھالىشىنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە، «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى بىر تەرەپلىمە قوغلىشىش خاھىشىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر توغرا نەتىجە-ئۈنۈم قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى ياكى تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ئارقىلىق بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى باھالىماسلىقى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى، راسخوت تەقسىماتى، ئىلغارلارنى باھالىشى قاتارلىقلار بىلەن باغلىماسلىقى، ھەرقانداق شەكىلدە تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىماسلىقى، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى «ئەلىيۇلئەلا» ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئاشكارىلاش، تەشۋىق قىلىش، كۆپتۈرۈشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك. مائارىپ ئېكولوگىيەسىدىكى مەسىلىسى گەۋدىلىك، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بەلگىلىمە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ