مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلوغا رەت نومۇرى قويۇش ئۆمۈرلۈك تۈزۈمى ئالغا سىلجىتىلىپ، دېلونىڭ ‹كىملىك نومۇرى› بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2020.10.15 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دېلونىڭ ئۆمۈربويى ئۆزگەرمەيدىغان ‹كىملىك نومۇرى› بولىدۇ». جۇڭگو ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە ئۆمۈربويى مەسئۇل بولۇشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلوغا رەت نومۇرى قويۇش ئۆمۈرلۈك تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.

  جاڭ جۈن مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ۋە 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەيلى قانچە دەرىجە، قانچە ھالقىدىن ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىغىچە بىر «رەت نومۇرى» قويۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ھەربىر بېجىرگۈچى تەپتىش مەھكىمىسى، ھەربىر بېجىرگۈچى تەپتىش ئەمەلدارىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، سۈرۈشتۈرگىلى، ئېنىقلىغىلى بولىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جاڭ جۈن تەپتىش ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنداق دېدى: قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بىرقەدەر مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، «قورشاپ ئوۋلاش» تېخىمۇ رېئال بولۇپ، چىرىكلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوڭقۇرلاشماقتا. مۇشۇنداق كەسكىن، مۇرەككەپ مۇھىت ۋەزىپىسى ئالدىدا، قوشۇننى تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئۇ ئىشتاتلىق رەھبىرىي كادىرلاردىن دېلونى ھەقىقىي بېجىرىپ، قىيىن دېلولارنى بېجىرىپ، «ئىشتاتقا كىرىپ دېلو بېجىرمەسلىككە يول قويماسلىق»نى تەلەپ قىلدى.

  ئاساسىي قاتلام تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نۇرغۇن يېڭى تەدبىرى بار، مەسىلەن، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئەمەلدارلىرى ماتېرىيال ئامبىرىنى بىرتۇتاش قۇرۇپ، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلغان تېخىمۇ ئەمەلىي دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ، يەنە مەملىكەت بويىچە دېلو مىسالى ئامبىرى قۇرۇپ، «تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئۇلاپلا تاللاپ، رەت نومۇرى قويۇپ ئامبارغا كىرگۈزۈپ، تەپتىش خادىملىرىنىڭ توردا تەكشۈرۈشى، پايدىلىنىشىغا سۇنىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ