مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە 30 مىليونغا يېقىن نامرات ياشانغانلار ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش تەمىناتى ئالىدۇ

___ نامرات خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىدە «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈش»ى كېرەك

2020.10.15 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۆۋەن چەك قۇرۇلۇشىدۇر. نامرات ئاھالە ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن قالغانلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە «قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ» كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، ھۇجۇم قىلىدىغىنى − نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلارنى ۋە قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەيدىغان قىيىن مەسىلىلەردۇر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت بېجىرىش سىستېمىسىدىكى 100 نەچچە مىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى بۇ جەڭگە ئاتلاندى.

  ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات بولغاچقا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئىقتىدارى يوق. «ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش» تەلىپىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نامرات شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ، نامراتلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسەت يولى ئېچىپ بەردى.

  سىياسەت بار بولدى، لېكىن جايلار سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئادەم تاپالماسلىقتەك بىر چوڭ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى.

  2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يەنە 11 مىليون 130 مىڭ نامرات كىشى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان. قانداق قىلىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەر بىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش − خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تورلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سانلىق مەلۇماتى بىلەن قەرەللىك سېلىشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارماقلار ئارا ئۇچۇر ھەمكارلىقى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ رايون، تارماق ھالقىغان ئۇچۇر سېلىشتۇرمىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «ئادەم تاپالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك «ئادەم ئىزدەش» ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتتە باشلاندى... تىرىشىش ئارقىلىق بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە نامرات خادىملاردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 59 مىليون 177 مىڭ 100 گە يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.99 تىن ئاشتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىيىنچىلىقى بار 33 مىليون 722 مىڭ 600 ئامما ئۈچۈن 3 مىليارد 748 مىليون يۈەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇلدى، يېرىم يىلدىلا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سۈرئىتى %90تىن ئاشتى. مەملىكەت بويىچە 29 مىليون 350 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئايمۇئاي ئالدى. تارىختا مەملىكەت بويىچە نامرات كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان «پۈتۈن كۆرۈنۈش خەرىتىسى» تۇنجى قېتىم سىزىپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ