چىڭداۋدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم يىغقان 4 مىليون پارچىدىن ئارتۇق ئەۋرىشكىدە ھازىرغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت نەتىجە بايقالمىدى

2020.10.14 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 13-ئۆكتەبىر ئوقۇغۇچىلار چىڭداۋ داشۆسى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىشقا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئۆكتەبىر چىڭداۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، چىڭداۋ شەھىرىدە نۆۋەتتە 10 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 13-چېسلا سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، چىڭداۋ شەھىرىدە 4 مىليون 235 مىڭ 438 نۇسخا ئەۋرىشكە ئېلىنغان، 1 مىليون 945 مىڭ 252 نۇسخا ئەۋرىشكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققان، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئالتە بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئالتە يۇقۇملانغۇچىدىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت نەتىجىلىك يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ