مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بېرىپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2020.10.14 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ 14 ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى.

  نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، مۇھىم نۇقتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بازار سۇبيېكتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەر، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، كۈز، قىش پەسىللىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى تۇتۇلىدۇ.

  نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە ھەرقايسى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىدۇ. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەڭ قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەن «ئالاقە تورى+ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە ئالاقىدار ساھەلەردىكى مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى توپلىدى. ھەرقايسى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزەپ، 3/2دىن ئارتۇق ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ 3/2دىن ئارتۇق ۋاقتىنى يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقالغان ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان ئۆلكە ھالقىپ، تارماق ھالقىپ ماسلىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ