مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭداۋدىكى ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

چىڭداۋدىكى لوۋشەن ئارقا مەھەللىسى ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون دەپ بېكىتىلدى، باشقا رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئۆزگەرمەيدۇ

2020.10.13 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (قوماندانلىق ئىشتابى) ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (دۈشەنبە) سائەت 19: 30 ئۆتكەندە، چىڭداۋ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا چىڭداۋ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئەھۋالىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، چىڭداۋ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇاچياڭ لوۋشەن ئارقا مەھەللىسىنىڭ ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى، چىڭداۋدىكى باشقا رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، 12-ئۆكتەبىر سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، شەھەر بويىچە قويۇق ئۇچراشقانلار، قويۇق ئۇچراشقانلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار، ئادەتتىكى ئۇچراشقانلاردىن بولۇپ 1171 ئادەم، تېببىي خادىملار، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغۇچىلار ۋە قارىغۇچىلار ھەمدە مەھەللىلەردە تەكشۈرگۈچىلەردىن بولۇپ 1 مىليون 37 مىڭ 614 ئادەمگە قارىتا يادرو كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش تاماملاندى. جەمئىي 1 مىليون 38 مىڭ 785 نۇسخا ئەۋرىشكە ئېلىندى، 312 مىڭ 977 نۇسخا ئەۋرىشكىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان توققۇز بىماردىن باشقا، باشقا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولۇپ، ھازىرغىچە يېڭى مۇسبەت چىققان يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ