مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ تور ئۈن-سىن ئابونتلىرى كۆلىمى 900 مىليوندىن ئاشتى

2020.10.13 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تور ئۈن-سىن پىروگراممىلىرى مۇلازىمەت جەمئىيىتى 12-ئۆكتەبىر چېڭدۇدا «2020-يىللىق جۇڭگو تور ئۈن-سىن تەرەققىيات تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 6-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ تور ئۈن-سىن ئابونتلىرى كۆلىمى 901 مىليونغا يەتكەن، 2019-يىلى تور ئۈن-سىن كەسپىنىڭ كۆلىمى 454 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ھەرقايسى ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە قىسقا سىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %87 كە، ئابونت كۆلىمى 818 مىليونغا يەتكەن؛ ئۇنىۋېرسال سىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %77.1كە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆلىمى 724 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تور ئۈن-سىن ئەپلىرى يېڭى تور ئەھلىنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالغان. 2020-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن 36 مىليون 250 مىڭ تور ئەھلى ئىچىدە %23.9 ى تور ئۈن-سىن ئەپلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن «تور بىلەن ئۇچراشقان».

  «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقا سىننى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بىر كۈندە ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان. 2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، قىسقا سىن ئەپلىرىنى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇنىۋېرسال سىن ئەپلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ، تور ئۈن-سىن ئەپلىرى ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ 2020-يىلى 6-ئايغىچە، قىسقا سىن ئەپلىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بىر كۈندە 110 مىنۇتلۇق ئىشلىتىش ۋاقتى بىلەن دەرقەملىك ئالاقە ئەپلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. تور ئۈن-سىن كەسپىدە، قىسقا سىننىڭ بازار كۆلىمى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 130 مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %178.8 ئاشقان. قىسقا سىن يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مائارىپ قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىۋاتقان بولۇپ، تەسىر كۈچى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، تور ئۈن-سىن كەسپى ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ