مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 3-تۈركۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كارخانىلىرىنى ئېلان قىلدى

2020.10.13 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا 3-تۈركۈمدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كارخانىلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن بېكىتىلگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كارخانىسىدىن 60 نى ئېلان قىلدى.

  2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «نوپۇزلۇق كۆرسىتىش + ئۆز ئالدىغا تاللاش»تەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 2020-يىلى 7-ئايدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇس»نى تارقاتتى. بۇ پۇرسەتتە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە 1300 دىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارغا تەكلىپ ئەۋەتىپ، قايتا-قايتا كېڭىشىش ئارقىلىق، 60 كارخانىنى بېكىتتى. ھازىرغا قەدەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ 66 كارخانا بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەخمىنەن 205 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ: جايلاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى شۇ جايدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىش ئورنىنىڭ ئۈنۈملۈك، ئىشقا ئورۇنلىشنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ تور سىرتىدا مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا كېلىشىم ئىمزالىغان كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىشتا قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى لازىم؛ يېڭىدىن سەپتىن چېكىنگەنلەرگە قارىتا مەخسۇس يول ئارقىلىق نىشانلىق تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تەدرىجىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ