مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.10.13 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە ئەڭ مۇھىمى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتۇر؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولغىنى «ئىككىنى قوغداش» تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىشتۇر. «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، رەھبەرلىك خىزمەت ھوقۇقى، رەھبەرلىك ئۇسۇلى، تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك بەلگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر «نىزام»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «نىزام»دىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچى»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشى كېرەك! ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ