مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

2020.10.12 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىغا ئايلاندى. 2019-يىلى 8-ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللايدىغان مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەش بولدى. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھات يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاستىدا، شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىغا مەدەت بېرىش − يېڭى دەۋردە شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر تەدبىر، شۇنداقلا ئىسلاھات شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېپيېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇق-كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھى ۋە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ