مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشى ئىناۋەت خاتىرىسى سۈپىتىدە، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، دېدى

2020.09.29 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئاسپىرانتلار مائارىپى سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرنى بېسىپ تارقىتىپ، ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش پۈتۈن جەريانىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەردىكى ئىلمىي قائىدە ۋە ئىلمىي ئەخلاق تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشى ئىناۋەت خاتىرىسى سۈپىتىدە، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.

  ھۆججەتتە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ناچار ئىلىم قىلمىشىغا «قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، بايقالغان ھامان قەتئىي ھالدا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تېزدىن، قاتتىق ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش كېرەك. ناچار ئىلىم قىلمىشى بار تەرەپ ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىگە قارىتا، ئەھۋالنىڭ يېنىك-ئېغىرلىقىغا ئاساسەن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام، مەكتەپ ئىنتىزامى جازاسى ۋە ئىلىم جازاسى بېرىش؛ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ۋاقتىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. ناچار ئىلىمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا كۈچلۈك بولمىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشىنى ئىناۋەت خاتىرىسى سۈپىتىدە، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  ھۆججەتتە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، سالاھىيەت ئىمتىھانى، ئىلمىي ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تېمىسى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەرنى باھالاپ تەكشۈرۈشنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باھالاشقا تەشكىللەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاش ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاشنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دەرس ئىمتىھانىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قاتتىق بولۇش كېرەك. ئاسپىرانتلار بۆلۈنۈپ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق بېرىلىپ ئوقۇشقا ماس كەلمەيدىغان ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش لايىھەسىگە ئاساسەن ۋاقتىدا بۆلۈپ چېكىندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۆلۈنۈپ چېكىنىپ چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تەۋەلىكى يىل چەكلىمىسىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ