مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى دوكتور يېتەكچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىسى بولۇش، پەن تەتقىقات خىراجىتى بولۇشنى شەرت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.09.29 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «دوكتور يېتەكچىسى ئىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ئېلان قىلغان. پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: دوكتور يېتەكچىسى ئىش ئورنىغا تاللاپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېتىشتۈرگۈچى ئورۇن سىياسىي ساپاسى، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى، ئىلىم سەۋىيەسى، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى، يېتەكچىلىك تەجرىبىسى ۋە يېتىشتۈرۈش شەرتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق بولغان دوكتور يېتەكچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ئۆلچىمى تۈزۈپ ھەم ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالىسى بولۇش، پەن تەتقىقات خىراجىتى بولۇشنى شەرت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىش ئورنىنىڭ سىياسىي تەلىپىنى قاتتىق قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى؛ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، يېتەكچىلىك مەسئۇلىيەت- ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدىغان، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، پائال تارقاتقۇچىسى، نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇشى كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېتەكچى ئىش ئورنىنىڭ ھوقۇق- مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دوكتور يېتەكچىسى دوكتور ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تەسىس قىلىنغان ئىش ئورنى بولۇپ، ئۇنۋان سىستېمىسىدىكى بىر مۇقىم قاتلام ياكى شەرەپ نامى ئەمەس. دوكتور يېتەكچىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئۇنىڭغا دوكتور ئاسپىرانتلارغا ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە بېرىش، ئىلىم قېلىپلاشتۇرۇش مەشىقى قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش ھەرىكەت مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. يېتىشتۈرگۈچى ئورۇن دوكتور يېتەكچىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى، يېتەكلەش ھوقۇقى، باھالاش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېتەكچىنىڭ قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسەن دوكتور ئاسپىرانتنىڭ ئوقۇشىنى قاتتىق باشقۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، دوكتور يېتەكچىسىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىش ئورنىغا تاللاپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېتىشتۈرگۈچى ئورۇن سىياسىي ساپا، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى، ئىلىم سەۋىيەسى، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى، يېتەكچىلىك تەجرىبىسى ۋە يېتىشتۈرۈش شەرتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق بولغان دوكتور يېتەكچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىلمىي ماقالىسى بولۇش، پەن تەتقىقات خىراجىتى بولۇشنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش شەرتى قىلىشتىن ساقلىنىش؛ مۇكەممەل بولغان دوكتور يېتەكچىسى تاللاپ تەكلىپ قىلىش چارىسى تۈزۈپ، ئادىل، ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاللاپ تەكلىپ قىلىش تەرتىپىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە ھەرىكەتچان تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، دوكتور يېتەكچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ كاندىدات ئالىي ئۇنۋان ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۇنۋانلىق ئوقۇتقۇچىلارنى دوكتور يېتەكچىسى قىلىپ تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. دوكتور يېتەكچىسى دوكتور ئاسپىرانتقا مۇستەقىل يېتەكچىلىك قىلىشتىن بۇرۇن، ئاسپىرانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ياكى دوكتور ئاسپىرانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ياردەملىشىش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. چەت ئەللىك يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا، يېتىشتۈرگۈچى ئورۇن مەخسۇس تاللاپ تەكلىپ قىلىش تەلىپى تۈزۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ