مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، «ئۆرلەپ ئوقۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىش» ۋە «نومۇر ئېلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىش»تەك خاھىشنى قەتئىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىگە قاراپلا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن باھالاشقا بولمايدۇ

2020.09.25 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق سەككىز تارماق 24- چېسلا بىرلىكتە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ جەھەتتە ئۆز ئالدىغا بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار توغرا نەتىجە قارىشى ۋە ئىلمىي مائارىپ سۈپىتى قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراپلا مەكتەپكە، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن باھا بەرمەسلىكى، «ئۆرلەپ ئوقۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىش» ۋە «نومۇر ئېلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىش»تەك خاھىشنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ جەھەتتە ئۆز ئالدىغا بولۇش ھوقۇقىنىڭ بىرىنچىسى بولسا، ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا ئۆز ئالدىغا بولۇش ھوقۇقى ۋە بۇ ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ئاساسلىقى ئىككى قاتلامغا چېتىلىدۇ: مەكتەپ قاتلىمىدىن، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە ۋە سەۋىيەلىك بولۇشىغا ئىلھام بېرىش ھەم مەدەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىش ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئاساسىي تەلىپىگە ئەمەل قىلىش قاتارلىقلار ئاساسىدا، تۆۋەندىكىدەك «بەشتە ئۆز ئالدىغا بولۇش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلىنىش، تەتقىقات-مەشىق پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللەش، ئوقۇتۇش-باھالاشنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇش، پەن ھالقىش ئاساسىي تېما قىلىنغان ئوقۇتۇشنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قاتلىمىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پەن ئالاھىدىلىكى، دەۋر تەلىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، مەكتەپلەرنىڭ نورمال مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەرتىپىدە كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى ئۈنۈملۈك رەۋىشتە تۈگىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككىنچىسى، كادىرلار خىزمىتىنى كېڭەيتىشتە ئۆز ئالدىغا بولۇش ھوقۇقى: بۇ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا، يەرلىكنىڭ مەكتەپ بەلگىلىگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە نامزات كۆرسىتىش، سالاھىتىنى تەكشۈرۈش، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ؛ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈم پىرىنسىپى بويىچە، مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئاپپارات تەسىس قىلىشقا ۋە ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئىش ئورنى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەمدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا، تەكشۈرۈشكە ۋە تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىدىغان خادىملارنى بېكىتىشكە بولىدۇ، يەرلىكنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ئاساسىدا تەكلىپ قىلىشنى تەشكىللىشىگە ئىلھام بېرىپ، شارائىتى ھازىرلانغان مەكتەپلەرنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئالدىغا ئاشكارا تەكلىپ قىلىشنى تەشكىللىسە بولىدۇ؛ ئۇنۋان باھالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، شارائىتى بار مەكتەپلەر ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنىنى ئۆلچەم بويىچە ئۆز ئالدىغا باھالاپ تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەكتەپ كۆرسىتىدۇ ياكى تەكلىپ قىلىدۇ؛ مائاش تەقسىملەش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مائاشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئاساسلىقى مۇكاپات خاراكتېرلىك مائاش تەقسىماتىغا ئىشلىتىلىدۇ، مۇكاپات خاراكتېرلىك مائاشنى مەكتەپ ئۆزى باھالاش ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلسا بولىدۇ.

  ئۈچىنچىسى، خىراجەتنى ئىشلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۆز ئالدىغا بولۇش ھوقۇقى: مەكتەپلەر ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن، يىللىق خامچوت تەكلىپىنى ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تەستىقلانغان خامچوت تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىدۇ؛ مەكتەپ خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى كۈچەيتىدۇ؛ مەكتەپ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەت ئىئانە قىلغان خىراجەتلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ