مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى سەككىز ئايدا تېلېگراف كەسپىنىڭ كىرىمى %3.1 ئاشتى

كۆچمە ئېقىم ئېھتىياجى كۈچلۈك بولدى

2020.09.22 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 21-سېنتەبىر، بۇ يىل 1- ئايدىن 8-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ تېلېگراف كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولۇپ، جەمئىي 915 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك كىرىم يارىتىلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلەشكەن. ئالدىنقى يىلدىكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا تېلېگراف كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 973 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشقان.

  «ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاساسىي تېلېگراف كەسپىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشىدا ئاساسلىق ئىككى سەۋەب بار» ئىكەن. جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتى سىياسىي-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى كەسىپ تەرەققىياتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زو كەيرۈي مۇنداق دەپ قارىدى: بىر تەرەپتىن كۆچمە سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى تولۇپ تاشقان ئېھتىياجنى ساقلىدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا تەربىيەلەش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ داۋاملىق جانلانغانلىقى سەۋەبلىك، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە كۆچمە ئالاقە تورىغا ئۇلانغان ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.7 ئاشتى، 8-ئايدا ئابونتلار ئوتتۇرىچە كۆچمە ئالاقە تورىغا ئۇلاش مىقدارى 11.3GB غا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى. ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى كارخانا ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان تېرمىنال بازىرىنى كېڭەيتىشنى تېزلەتتى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  كونكرېت كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، مۇقىم خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسىنىڭ مۇقىم خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمى 310 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى؛ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپى كىرىمى 604 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 تۆۋەنلىدى، لېكىن تۆۋەنلەش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئىنت قىسقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ