خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (بېيجىڭ)، (خۇنەن)، (ئەنخۇي) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» ۋە «جۇڭگو (جېجياڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى كېڭەيتىش رايون لايىھەسى» (تۆۋەندە «لايىھە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.
«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بېيجىڭ، خۇنەن، ئەنخۇيدا ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىپ، جېجياڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دائىرىسىنى كېڭەيتىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان زور تەدبىر بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىردۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىپ كىرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى، تەرەققىياتنى، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
«لايىھە»دە ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ زور مۇستەقىل ئىسلاھات قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ