مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق يېڭىچە ئىستېمالنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم

2020.09.22 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە يېتەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، يېڭىچە ئىستېمال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم يېڭىچە ئىستېمال ئۈلگە شەھەرلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ماددىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، «ئالاقە تورى + مۇلازىمەت» قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە پىشىپ يېتىلدۈرۈش لازىم. «پىكىر»دە تۆت جەھەتتىكى 15 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

  ئىككىنچى، يېڭىچە ئىستېمال ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك؛

  ئۈچىنچى، يېڭىچە ئىستېمال تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛

  تۆتىنچى، يېڭىچە ئىستېمال سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى؛ نازارەت قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل ئاشۇرۇشى؛ ئاخىرقى ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئاھالە ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ