مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

9-ئايدا قەرز پۇلى بازىرىنىڭ باھا مەلۇم قىلىش نىسبىتى ئۆزگەرمىدى

بىر يىللىق LPR يەنىلا %3.85 بولدى

2020.09.22 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى مەملىكەتلىك بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە مەركىزىگە قەرز پۇل بازىرىنىڭ باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى (LPR)نى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىللىقLPR 3.85%، بەش يىللىقتىن يۇقىرى LPR % 4.65 بولدى. ئالدىنقى بىر قارار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزگەرمىدى. 4-ئايدا ئىسلاھ قىلغاندىن بۇيان يەككە ئايدىكى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتقاندىن كېيىن، بىر يىللىق ۋە بەش يىللىقتىن يۇقىرى LPR ئۇدا بەش قارار «ئۆزگەرمىدى».

  LPR باھا مەلۇم قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئايلىق ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز قولايلىق (MLF) ئۆسۈم نىسبىتىگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغان. «9-ئايدا MLF مەشغۇلاتى قاتارلىق ئالاقىدار ئۆسۈم نىسبىتى ئۆزگەرمىدى، LPRنىڭ تۆۋەنلىمەيدىغانلىق سىگنالى تارقىتىلدى.» جۇڭگو ھاياتلىق بانكىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ۋېن بىن مۇنداق قارىدى: كېيىنكى باسقۇچتا، پۇل سىياسىتى دىققەتنى دەل جايىدا يېتەكلەشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسلىقى بازار مەشغۇلاتى ۋە MLFنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بانكا سىستېمىسىنىڭ ئوبوروتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادقا 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش داۋاملىشىۋاتقاچقا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش دەرىجىسى 930 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ كېمەيتكەن 470 مىليارد يۈەننى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، كېيىنكى بەش ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق يەنە 460 مىليارد يۈەن كېمەيتىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئايدا LPR ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قەرز پۇلى نىسبىتى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ساقلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ