مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، «ئاددىيلاشتۇرۇش»تىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.09.21 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرگە ئەسكەرتىش خېتى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، مەكتەپ دەرۋازىسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جوڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

  ئەسكەرتىش خېتىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ۋە تەدبىرلىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىنى باشقۇرۇشقا قارىتا پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىشىنى ۋە مۇۋاپىق قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا قىلىش، خىزمەت ئىزدەش، تۇغقان يوقلاش، داۋالىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىش، مەكتەپ تۇرۇشلۇق شەھەردە پائالىيەت قىلىشقا توغرا كەلسە، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىش-چىقىشىنى ھەقىقىي قولايلاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تۇرۇشلۇق شەھەردىن چىقىپ پائالىيەت قىلىشقا قارىتا، مۇددەتتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، «ئاددىيلاشتۇرۇش»تەك يېپىق باشقۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، قولاي بولغان مەكتەپ دەرۋازىسىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ