تيەنجىن ئەركىن سودا رايونى سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىقى، رېمونت قىلىش كەسپىنىڭ توپلانما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2020.09.18 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تيەنجىن خەيتې ئايروپىلان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايروپىلان بۆلمىسىدە تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن ئەركىن سودا رايونى سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىدىن پائال پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ باجدىن خالىي رېمونت قىلىش، قايتا ياساش كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ياساش، رېمونت قىلىش كەسپىنىڭ توپلانما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، رايون ئىچىدە بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە رېمونت كارخانىلىرى يىغىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم يۇقىرى دەرىجىلىك رېمونت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش بازىسىغا ئايلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (جاۋ زىشو فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ