خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كىنىشكىنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئىسپاتى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلار ئىسپات چىقىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلمايدىكەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس سۇنۇلغان بولسا، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا- كونسۇلخانىلار چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن مۇناسىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىلتىماس قوبۇل قىلىنغان ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنىڭ ئىسپات چىقىرىش ۋاقتى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن بولسا، «چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئىسپاتى» يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
«چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر ئىسپاتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە ئوقۇغانلار تەمىنلىگەن چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر ياكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ماتېرىياللىرى، چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر تارقاتقان ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى، چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر ياكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى چىقارغان ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش ئىسپات ماتېرىيالى ياكى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە چىقارغان چەت ئەلدىكى ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان ئېتىراپنامىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە كەچۈرمىشىنى بېكىتسە بولىدىكەن، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ پاسپورتى ۋە ۋىزىسى، چېگرادىن چىقىش-كىرىش ئۇچۇرى، ۋەتەنگە قايتىش يولىدىكى بېلەت قاتارلىقلار ئارقىلىق چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش مۇددىتىنى بېكىتسە بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ