مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى چەت ئەلدە ئوقۇش تەس بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇردى

جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى بىر قىسىم ئاپپاراتلار ۋە تۈرلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك

2020.09.17 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە، ھەر قايسى دۆلەتلەر (رايونلار)نىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئىشلىرى سىياسەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، دۆلىتىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلدى، يەنى جۇڭگو-چەت ئەل ئارا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى بىر قىسىم ئاپپاراتلار ۋە تۈرلەر بويىچە، شۇنىڭدەك ئىچكى ئۆلكىلەر (ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقى) بىلەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن قاتارلىق رايونلار ئارا ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش تاللىشىغا ئىگە قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى مىقياسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر (رايونلار)نىڭ چېگرىدىن كىرىش ۋە ۋىزا سىياسىتى ھەمدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئولتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ھەم شۇنداقلا چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئويلىشىش سەۋەبىدىن، قىسمەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىل كۈزدە چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ ئوقۇش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولدى ۋە كېچىكتۈرۈلدى، ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆرلەپ ئوقۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر قاتار مەخسۇس سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە: يەنى، بىرىنچىسى، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئىچىدە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇشنى داۋاملىق تاماملاشقا مۇۋاپىق يېتەكلەش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان كىنىشكىسى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش؛ چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا مەكتەپكە قايتالمىغانلارنى توردا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەسىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ توردا ئوقۇيدىغان قىسمەن دەرسلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدەك، شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان چېگرا سىرتىدا تۇرۇش ۋاقتى ئوقۇش تۈزۈمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەسلىكتەك ئەھۋالنى ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى ئىلمىي ئۇنۋان كىنىشكىسى ئېلىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل قىلماسلىق؛ ئىككىنچىسى، مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالىي مەكتەپلەر ئارا كېلىشىم تۈزۈشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇش؛ ئۈچىنچىسى، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى بىر قىسىم مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىدە، شۇنىڭدەك ئىچكى ئۆلكىلەر (ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقى) بىلەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىدە، مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا شەرتى توشىدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىپ تەشكىللەش، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ۋە ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش؛ تۆتىنچىسى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارنىڭ مائارىپ تارماقلىرىغا يېتەچىلىك قىلىپ، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇشى توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىش؛ بەشىنچىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە مەدەت بېرىش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ