مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قانۇن لايىھەسىگە پىكىر ئېلىندى

تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقە يۈزبەرگەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ

2020.09.16 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تەييارلىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قانۇنى (لايىھەگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن پىكىر ئېلىندى. لايىھەگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇۋاپىق خىزمەتنى سەۋەبسىز رەت قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقە يۈزبەرگەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  لايىھەگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، چىقىم تىپىدىكى نامرات ئائىلىلەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر، پاناھسىز سەرگەردان تىلەمچىلەر، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەر ياكى كىشىلەر، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق لېكىن سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس ياكى چىقىمنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر بېكىتكەن باشقا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ياكى كىشىلەر.

  دۆلەت تۆۋەن كىرىملىك تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خادىملارنى كارخانىلارغا ئورۇنلىشىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئۆزى ئىش تېپىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى يولغا قويىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بىلەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئەڭ تۆۋەن مائاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ