مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

2020.09.16 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەت تەلىپى كۈنسېرى كۆپ خىللىشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت نىشان-ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  (بىرىنچى) پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىگە رەھبەرلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى. پۇقراۋى ئىگىلىك دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئاساسى؛ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار ئۆز ئادەملىرىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە تايىنىدىغان مۇھىم كۈچى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇقەررەرلىكىنى تولۇپ تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيەنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ