خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا 2-نۆۋەتلىك 2-تۈركۈمدىكى مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن يەتتىسى خىزمەت باسقۇچىغا كىرگەن. خىزمەت باسقۇچىدا، ھەر قايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئالدىنقى باسقۇچلۇق نازارەت قىلىشتا ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە مەركەزلەشكەن مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ۋە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان.
9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ھەر قايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئاممىدىن 3809 پارچە پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، 3000 پارچە ئۈنۈملۈك پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلغان، تەكرار پاش قىلىشنى تەرتىپكە سېلىش، بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇنلارغا 2731 پارچە پاش قىلىش ماتېرىيالى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇن 289 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 101 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، 12 مىليون 438 مىڭ 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان؛ بەشى دىلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگەن؛ 58 نەپەر پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرى سۆھبەتكە چاقىرىلىپ، 21 نەپەر پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ