مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

كۈچلۈك ئاممىۋىي ساغلاملىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم

2020.09.16 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان 18-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ___ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇل تېشى. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە- ساغلاملىق ساھەسىدىكى زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملىگەن، پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى ___ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. مەۋقەنى تېخىمۇ دەل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەسىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇقىم ئاممىۋى سەھىيە سېلىنمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاساسى شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنلىرىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. بالدۇر كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ماسلىشىپ كۆزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تەربىيەلەش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سەھىيە، ساغلاملىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش زاپىسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتى ئاستىدا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سەپەرۋەرلىك ئىنكاسى، رايونلار ئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى، خادىملارنى يۆتكىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەرىجە، قاتلامغا بۆلۈنگەن، تارقاقلاشتۇرۇلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتلىك مېدىتسىنا مەركىزى، رايون داۋالاش مەركىزى قاتارلىق بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ