مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8-ئايدا 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، باھا ئازراق ئۆرلىدى

2020.09.15 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى كۇڭ پېڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-ئايدا، ھەرقايسى جايلار «ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىش» نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىمىزنى پۇختا يولغا قويغانلىقتىن، 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولغان، باھا ئازراق ئۆرلىگەن.

  ھالقىما ئېشىشقا قارىغاندا، 8-ئايدا بىرىنچى قاتاردىكى تۆت شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى %0.6 ھالقىما ئېشىپ، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.6، %0.6، %0.9 ۋە %0.5 ئۆسكەن. نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى %1.0 ھالقىما ئېشىپ، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ ۋە شېنجېننىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.7، %0.8، %1.7 ۋە %1.1 ئاشقان.

  ئىككىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىش باھاسىنىڭ ھالقىما ئېشىش ئۆسۈش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن. ئىككىنچى قاتاردىكى 31 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى %0.6 ھالقىما ئېشىپ، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن؛ نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى %0.4 ھالقىما ئېشىپ، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. ئۈچىنچى قاتاردىكى 35 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.0 ۋە %0.6 ھالقىما ئېشىپ، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.2 ۋە 0.1 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن.

  بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندىكىگە قارىغاندا، بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.9 ۋە %6.9 ئۆسكەن، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.3 ۋە 1.2 پىرسەنت پوئىنت كېڭەيگەن.

  ئىككىنچى، ئۈچىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئۆسۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان. ئىككىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئۆسكەن، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن؛ نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.0 ئۆسكەن، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئاي بىلەن ئوخشاش بولغان. يۇقىرىدىكى ئىككىسىنىڭ بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئۆسۈش دەرىجىسى ئۇدا 16 ئاي ئوخشاش بولغان ياكى تۆۋەنلىگەن. ئۈچىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %4.5 ۋە %1.8 ئۆسكەن، ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئاي بىلەن ئوخشاش بولغان، ئۇدا 17 ئاي ئوخشاش بولغان ياكى تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ