مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەت ئاشتى

2020.09.15 18:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 4 تىرىليون 767 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئاشقان. بۇ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى تۆۋەنلەش دەرىجىسى داۋاملىق تارايغاندىن كېيىن، يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2-كەسىپ ۋە 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسىمۇ داۋاملىق تارايغان.

  جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى ساھە تەرەققىياتى ۋە تەبئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يې چۈننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى، سىجىل ياخشىلىنىشى ۋە ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان ئىكەن.

  8-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 729 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان. كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، 1- ، 2- ، 3- كەسىپلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %12.1، %9.9 ۋە %7.5 ئاشقان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 تۆۋەنلىگەن.

  جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 351 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ ياسىمىچىلىقنىڭ كۈندىلىك توك ئىشلىتىش مىقدارى 11 مىليارد 320 مىليون كىلوۋات سائەت كۈن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 990 مىليون كىلوۋات سائەت كۈن ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 600 مىليون كىلوۋات سائەت كۈن ئاشقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تۆت چوڭ ساھەنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2، يۇقىرى تېخنىكا ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئاشقان؛ ئىستېمال بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق ساھەسىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7.2، 11.5، 5.3 ۋە 2.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ