مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

2020.09.15 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە 9- ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، تور تەشۋىقاتى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇلۇتتا كۆرگەزمە قىلىش، مەۋھۇم دەرسخانا، توردا جاۋاب بېرىش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئامما كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تور بىخەتەرلىكى باشلىقلار مۇنبىرىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇاڭ رۇڭۋېن مۇنداق دېدى: كۈنسېرى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان تور بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئالدىدا چوقۇم توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ