مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى

بۇ جەھەتتە گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، بېيجىڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ ئالدىنقى ئالتە ئورۇندا تۇرىدۇ

2020.09.15 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى 14- چېسلا ئېلان قىلغان «2019- يىللىق جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2010- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 100 دىن 279.2گە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى «تولۇق زەنجىر»نىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈنۈمى جامائەتچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 2010- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مۇقىم ئۆستۈرۈلۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى كۈنسېرى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2018- يىلى، جۇڭگودىكى پاتېنت كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 10 تىرلىيون 700 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭGDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.6كە، نەشر ھوقۇقى كەسپىنىڭ كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.37كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇھىت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى. 2019- يىلى، پاتېنت ۋاكالەتچىلىكى (شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 51 مىڭغا، كەسپىي پاتېنت ۋاكالەتچىلىرىنىڭ سانى 20 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ھەمدە ئوتتۇرا-مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم ئەندىزىسى بولۇپ قالدى.

  رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2019- يىلى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى جەھەتتە ئالدىنقى 6 ئورۇندا تۇرىدىغان رايونلار تەرتىپ بويىچە: گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، بېيجىڭ، جېجياڭ ۋە شەندۇڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خەلقئارا سېلىشتۇرمىدىن قارىغاندا، 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شۇ قېتىم باھالانغان 40 ئۈلگە دۆلەت ئىچىدە، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى 20- ئورۇندىن 8- ئورۇنغا ئۆتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ