خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 70 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.
37 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىنى قوللىغان. 2017- يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىلدا 10 مىڭدىن كىشىنى كۆپەيتىپ تەكلىپ قىلىشنى پىلانلاپ، يىلدا 100 مىڭ كىشى تەكلىپ قىلىش خىزمەت نىشانىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان. 2020-يىلى تەكلىپ قىلىش كۆلىمىدىن 5000 كىشىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ 105 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونىدىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى 440 مىڭدىن ئاشۇرغان.
10 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى»نى يولغا قويۇشنى قوللاپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونىدىكى يېزا-كەنت مەكتەپلىرى، يەسلىلەردىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىگەن. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەشنى قوللاپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر نۆۋەتتىن ئارتۇق تولۇق تەربىيەلەشنى تاماملىغان.
20 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، شارائىتى بار جايلارنى ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن ھەم مەكتەپنىڭ جاپالىق، چەت، يىراق بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن پەرقلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، يىلدا 1 مىليون 270 مىڭ يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىسىغا نەپ يەتكۈزگەن.
1 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئۈچ رايون» ئىختىساسلىقلار مەدىتى پىلانى، ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى ۋە «ئاق چاچلىقلار دەرس ئۆتۈش» پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، چېگرا رايونلارغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى