مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەيدە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى پاش قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ

2020.09.14 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شاڭخەي شەھىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تور يېمەكلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 3-تەرەپ سۇپىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلەش، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى «جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىش» بويىچە ھېسابلاش، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇكاپاتلاش دەرىجىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ۋە يۇقىرى چېكى ئۆستۈرۈلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات چېكى 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ئۆستۈرۈلدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ