مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم

2020.09.14 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا «مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكەت پىلانى (2021-2023)»نى تارقاتتى، ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىدىن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش لايىھەسى ۋە 2021-يىللىق خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى دىققەتنى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا، مۇقىم بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن، ھەمدە قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا ساختىلىق قىلىش، قول ئۇچىدىلا قىلىپ قويۇش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، كىنىشكىسىز ھالدا بۇلغىما چىقىرىش، كىنىشكىگە ئاساسەن بۇلغىما چىقارماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. جايلار چوقۇم ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە يىللىق خىزمەت لايىھىسىنى يىل بويىچە تۈزۈپ يولغا قويۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى «سۈپەت» ۋە «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا قارىتا، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى قايتا تەكشۈرۈش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتى ۋە تەستىق جاۋاب تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىشى قانۇنلۇق ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش؛ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يىرىك پىلانىغا قارىتا، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يىرىك پىلانىدىكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش؛ بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىش ۋە تىزىملاش ئەھۋالى ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ