مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن «قارار» بېسىپ تارقاتتى

پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنىڭ ئىجازەتلىك باشقۇرۇشىنى يولغا قويدى

2020.09.14 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنىڭ ئىجازەتلىك باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىگە بولغان ئىجازەتلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش بولسا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كەمچىللىكىنى تولۇقلاپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم جەھەتتىن سودا-سانائەت بۆلىكى بىلەن پۇل مۇئامىلە بۆلىكىنى ئايرىپ باشقۇرۇش جەھەتتە، «قارار»دا شۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدىكى، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، تەبىئىي شەخس ۋە شۇنىڭدەك ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنىي ئىگە ياكى ئەمەلىي كونترول قىلىنىدىغان ئوخشاش بولمىغان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولسا، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئىلتىماس قىلىپ، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتى قۇرۇشنى تەستىقلىتىش كېرەك. «قارار»دا يەنە، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال، پايچىك، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، مۇدىر، نازارەتچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار، كاپىتال ئىقتىدارىنى تولۇقلاش، شۇنىڭدەك تەشكىلىي ئاپپارات ۋە خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش، ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتىگە ئېنىق ئىجازەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «قارار»دا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتى نامى، تۇرۇشلۇق جايى، %5تىن ئارتۇق پاي ھوقۇقىغا ئىگە پايچىك ۋە ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولسا، شىركەتنىڭ نىزامنامىسىمۇ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىش، پاي چېكى كونترول قىلىنغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا چىقارغان مەبلەغنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش قاتالىق ئۆزگىرىشلەر ناۋادا پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتقان نىسبىتىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى مەھرۇم قىلىنىشى، ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىش، تارقىتىۋېتىش ياكى ۋەيران بولۇش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ