«چىراغ ياققان» مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۈيمېينىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى

2020.09.11 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، جاڭ گۈيمېي ئوقۇغۇچىلارغا «مەكتەپ دەرسى» ئۆتۈۋاتقاندا ياش تۆكتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2008-يىلى جاڭ گۈيمېي مەملىكەت بويىچە تۇنجى ھەقسىز قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولغان يۈننەن لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇردى. خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات تاغلىق رايوندىن كەلگەن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ناچار، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇرى شۇ جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قوبۇل قىلىش سىزىقىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىدى. خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى مائارىپتا مۆجىزە ياراتتى، 12 يىلدىن بۇيان تاغدىن كەلگەن 1800 دىن ئارتۇق قىز بۇ يەردىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. جاڭ گۈيمېي خۇددى بىر نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، تاغدىن كەلگەن قىزلارنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتتى. يېقىندا، ئۇ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى» بولۇپ باھالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ