مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىرلىشىپ ياسىمىچىلىق مەخسۇس قەرز پۇلىنى يولغا قويۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2020.09.11 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور پونكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلىشىپ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ياسىمىچىلىق مەخسۇس قەرز پۇلى ئارقىلىق سانائەت خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ مۇھىم، زور تۈر خىزمىتىگە مەدەت بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچقان. يىغىندا ياسىمىچىلىق مەخسۇس قەرز پۇلى ئارقىلىق مەدەت بېرىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 105 مۇھىم، زور تۈر ئېلان قىلىنىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 710 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تەخمىنەن 300 مىليارد يۈەن بولغان.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جىجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: مىنىستىرلىق، بانكىنىڭ بىرلىشىپ ياسىمىچىلىق مەخسۇس قەرز پۇلىنى يولغا قويۇشى پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما ھەمكارلىقى، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ جىپسىلىشىشىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولۇش، شۇنداقلا يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربىگە تاقابىل تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  ۋاڭ جىجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلاش، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش، تولۇقلاش، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ساھەدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرگە مەدەت بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەت بېرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرنى پىلانلاپ تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياسىمىچىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ