مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2020-يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئېلان قىلىندى

2020.09.11 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تىپىنى قېزىپ تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ياخشى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 36-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈن جەمئىيەتكە 2020-يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  جاڭ ۋېنخۇڭ، ۋاڭ يى، چى فارېن، گاۋ ۋېنمىڭ، جاڭ جيې، ۋاڭ شيۇشيۇ، ليۇ شيۇشياڭ، جياڭ چۈنلىڭ، ۋاڭ فېي، خۇا يۈچېن، ما ۋېنيەن قاتارلىق شەخسلەر ۋە لياڭشەن مائارىپقا ياردەم بېرىش-يۆلەش كوللېكتىپىنىڭ ھەممىسى مائارىپ بىرىنچى سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە كوللېكتىپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان تېببىي ساھەدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە «دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق» ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشقان بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بار؛ ھەم مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى، شۇنداقلا يادرولۇق تېخنىكا بويىچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشقان ئالىي، قابىل، سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار تىپى بار... ئۇلار ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئاساسىي مائارىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنى قاپلىغان، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئىپادىسى ۋە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، ئىش-ئىزلىرى تەسىرلىك، ۋەكىللىك ۋە ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ غايە-ئېتىقادى بولۇش، ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش، پۇختا بىلىمى بولۇش، مېھرىبان بولۇشتەك ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنىڭ قىسقا سىن فىلىمى قويۇلۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» دېگەن گۇۋاھنامىنى تارقىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ