مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدا «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

2020.09.11 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بازار ئىجازىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بازار سۇبيېكتلىرى گۈللىنىپ راۋاجلاندى، سودا مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. لېكىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا «بازارغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىش، تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق» ھادىسىسى يەنىلا مەۋجۇت، كەڭچىلىك بىلەن كىرگۈزۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتتە، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بازارلاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا تۆت جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچىدىن، كارخانا قۇرۇشتىكى پۈتۈن مۇساپىنى توردا بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانا قۇرۇشتىكى «بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى تۆت خىزمەت كۈنى ئىچىگە ياكى تېخىمۇ ئاز ۋاقىتقا قىسقارتىش، كارخانا قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تۇرالغۇ بىلەن تىجارەت سورۇنىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۇرالغۇ بىلەن تىجارەت سورۇنىنى ئايرىپ تىزىملاش سىنىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىنىڭ نامنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، داڭلىق كارخانىلارنىڭ نامىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نام تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەرتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان پولات چىۋىق قاتارلىق بەش خىل مەھسۇلاتنى تەستىقلاشنى ئۆلكە دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىش، خىمىيەۋى ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىشتىن كېيىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىن ئۇقتۇرۇش قىلىش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىگە تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكسپورتتىن ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىلىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئىسپات بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يىراق مۇساپىلىك باھالاش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تۈركۈم كارخانا ئۆلچىمى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىللىق كارخانا ئۆلچىمىدىكى «باشلامچى»لارنىڭ تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساسىي ۋاسىتە، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تولۇقلىما، ئىناۋەت بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەمتۈك مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇپ كېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنى تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشكە يېتەكلەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل، تەرتىپلىك بازار تەرتىپىنى قوغداش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ